خىتاي قۇتۇبىدا زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇدۇقىنى ئاچتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى» قۇتۇبى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى HUHWK4 قۇدۇقىنىڭ گاز ئېلىش كىلاپانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي نېفىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 19-نويابىر قۇتۇبى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇدۇقىنىڭ گاز ئېلىش كىلاپانى ئېچىلغان. نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان بۇ تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش ئامبىرىدا 10-دەۋرىيلىك تەبىئىي گاز ئېلىشنى يۈرۈشتۈرۈش رەسمىي باشلانغان. خىتاي قۇتۇپىدىكى تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نامىدىكى تۇرۇبا تورى بويىدىكى شەھەرلەرنى بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» نېفىتلىكى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەزگىلىدە، يېڭى قۇدۇقلارنىڭ سىغىمچانلىقى پەيدىنپەي ئاشۇرۇلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى-تەبىئىي گازنىڭ «ئاشلىق ئامبىرى» ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ياز پەسىلدە ئامبارغا گاز كىرگۈزۈلۈپ، قىش پەسىلدىكى گاز ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە ئامباردىن تەبىئىي گاز ئېلىنىپ تەمىنلەش تولۇقلىنىدىكەن. بۇ يىل يازدا قۇتۇبى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىغا بۇلتۇرقىدىن 580 مىليون كۇب مېتىر گاز كۆپ كىرگۈزۈلۈپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇتۇبى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى 2013-يىلى 6-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە، جەمئىي 18 مىليارد 480 مىليون كۇب مېتىر گاز كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىي 13 مىليارد 80 مىليون كۇب مېتىر گاز بۇلاڭ -تالاڭ قىلىنغان.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئېمبارگوسى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە ئەگىشىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، نېفىت ھەمدە تەبىئىي گاز بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتمەكتە. ھەر خىل ئاپەتلەر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كۆمۈر ۋە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، رۇدا، نېفىت ۋە ھەمدە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 691 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2022 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق