خوتەن بىلەن قەشقەردە خىتايغا قارشى نامايىش كۆتۈرۈلدى

ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر، كورلا ۋە غۇلجا كوچىلىرى نامايىشچىلار بىلەن تولغان. نامايىشچىلار ئاق كىيىملىك ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا دۇچ كەلگەن.

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، ئىشىك سىرتتىن قۇلۇپلانغانلىقتىن، 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلىش ئەھۋالنى كۆرگەن خەلق ئۆز تەقدىرىنىڭ ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرىمۇ خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمى يولغا قويغان قاتتىق قامال قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن.

24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ قامال قىلىش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قانچە شەھەر، ۋىلايەتلىرىگە تارقالغان. نامايىشچىلار ئاق رەڭلىك كىيىم كىيگەن ساقچى قىسىملارنىڭ توسقۇنلۇقىغا دۇچ كەلگەن.

نامايىش جەريانىدا خەلق «قامال ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان. 26-نويابىردىن باشلاپ دائىرىلەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا ۋىلايەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. خىتاي تۇتقۇن قىلىشنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاتالمىش «توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش» ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغان.

خوتەندىن تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش ​​«يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئۆيلىرىگە قاماپ، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاق كىيىم كىيگەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان.

باشقا سىن ۋە سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئىچىدە خىتايلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك ساقچىلار نۇرغۇن ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق خەلق داۋاملىق قارشىلىق كۆرسەتكەن.

يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، كورلا شەھىرىدىكى كىشىلەر ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. قارشلىق بىلدۈرگۈچى خەلق «قامال بىكار قىلىنسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن تىركەشكەن.

8-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش»نى باھانە قىلىپ قاتتىق قامال قىلىنغان غۇلجا خەلقى 26-نويابىرغىچە بىر قانچە قېتىم خىتايغا قارشى كوچىلارغا چىقىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1521 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2022 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق