ئۈرۈمچىدە يەنە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئۈرۈمچىدىكى پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، 27-نويابىر ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان «1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى»دا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىگە جايلاشقان «1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى»دا 27-نويابىر كەچتە زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

خىتاي خەۋىرىدە 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر گۇرۇھى شىركىتىگە تەۋە بىرىنچى پولات تاۋلاش تارماق زاۋۇت سېخىدا نورمال ئىشلەپچىقىرىش قىلىۋاتقان پەيتتە، بىنورمال ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، نەق مەيدان تەكشۈرۈلۈپ ھېچقانداق ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە، نەق مەيدان بىر تەرەپ قىلىنىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى داۋا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى كەپشەرلەپ تاقاپ قامال قىلىپ، قەستەن 40 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئېچىنىشلىق ۋەقە ھەققىدە خەلقئاراغا ئېنىق بىر جاۋاب بېرەلمىگەن. بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاشكارا قىلىپ قويغان. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى خىتاي پۇقرالىرىنى قورقۇتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن پولات زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى تەڭرىتاغ رايونىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سانىنى يوشۇرغانلىقىنى ، خىتاي يوشۇرغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئاخىرى ئاشكارىلانغانلىقىنى، خىتاي بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتتە رەسۋا بولغانلىقىنى، خىتاي پولات-تۆمۈر شىركىتىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كېلىپ چىققان ئۆلۈش، يارىلىش ئەھۋاللىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ھەقىقىي ئەھۋال ھامىنى ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1194 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2022 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق