تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايدىن 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ بارلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە سەۋەبلىك تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەمدە يارىلانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ تېزدىن ساقىيىشىغا تىلەكداشمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىنى كۈتىمىز».
خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەلقنىڭ ئىشىكلىرىنى، ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇلۇپلاپ ياكى توسۇق قويۇپ، ئۆيلىرىگە قامىغانىدى. ئەمما ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ تەدبىرلەر قامال باشلانغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقان ئۈرۈمچىدە ئېچىنىشلىق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ