پۇتىن ئەزا دۆلەتلەرگە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

خىتاي يەر شارى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى) كېڭىشىنىڭ يىغىنى 23-فېۋرال ئەرمىنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋاندا يېپىلغان. يىغىندا رۇسىيە پرىزېدېنتى پۇتىن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا زامانىۋى قورال ۋە ئالاھىدە قورال سەپلەپ بېرىشنى قوللاشنى مۇراجىئەت قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئەرمېنىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى پاشنىيان رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ يىغىنغا پۇتىن، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكو، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى راخمان، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستانىسلاۋ زاس قاتناشقان. يىغىنغا قاتناشقان ئەمەلدارلار ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. پۇتىن سۆزىدە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئافغانىستان مەسىلىسىدە زىچ ماسلىشىپ، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت تەھدىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلغان.

يىغىندا بېلارۇسىيەنىڭ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىللىق نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشى، قازاقىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى تاس ماغامبېتوفنىڭ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولۇشى قارار قىلىنغان.

كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى 2002-يىل 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 1992-يىلى ئىمزالانغان مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى شەرتنامىسىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، ھازىر رۇسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئەرمېنىيە، قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئالتە ئەزا دۆلەت بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2022 20:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق