شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تارىخىي نامايىش دولقۇنى پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقىلىپ، خىتاي كوممۇنسىت رېجىمىنى بىئارام قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەيمىز» دېگەن شوئارى كىشىلەرنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەن بولۇپ، خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي رېجىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە خەلقنى ئۆيلىرىگە قاماپ، 40 تىن ئارتۇق كىشىنى قەستەن ئۆلۈمگە ئىتتىرىش قىلمىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن خىتايلارمۇ نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كېلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇپ، پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان. ئۈرۈمچى خەلقى 25-نويابىر كېچە كوچىلارغا چىقىپ قارشى كۆرسەتكەن كېيىن، 26-نويابىر كەچتە شاڭخەي پۇقرالىرى كوچىلارنى قاپلاپ، شى جىنپىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان. يەكشەنبە كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش دولقۇنى خىتاينىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى كۆپلىگەن ئۆلكىلەرگە تارقالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يەكشەنبە كۈنى سانسىزلىغان خىتاي پۇقرالىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، نەنجىڭ، لەنجۇ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ ۋە خىتاينىڭ باشقا شەھەر كوچىلىرىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ ھەددىدىن زىيادە قامال قىلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى كەچتە شاڭخەي پۇقرالىرى «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى»غا يىغىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن. 26-نويابىر كەچتە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەھەرلەرنى لىق تولدۇرغان نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، كوچىلارنى قاپلىغان خىتايلار «شى جىنپىڭ ئىستېپا بەرسۇن! شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن!» دەپ شوئار توۋلىغان. مەزكۇر نامايىش يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنگە قەدەر داۋام قىلغان. مۇخبىر شاڭخەيدىكى بىر قانچە يول ئېغىزىدا، بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ ئاق قەغەزنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقىنى كۆرگەن. ئاق قەغەز خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى خەلقنىڭ غەزىپى تاشقانلىقىنىڭ سىمۋولى قىلىنغان.
يەكشەنبە كۈنى كەچتە نۇرغۇنلىغان شاڭخەي ئاھالىسى خۇەيخەي ئوتتۇرا يولى، فۇشىڭ ئوتتۇرا يولى، چاڭلې يولى، چاڭشۇ يولى، ئەنفۇ يولى، ۋۇيۈەن يولى قاتارلىق جايلارغا يىغىلغان. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ساقچىلار ئەنفۇ يولى ۋە ئۇرۇقچى يولىدىكى كىشىلەر توپىغا بېسىپ كىرىپ كىشىلەرنى قولغا ئالغان ھەمدە فۇشىڭ ئوتتۇرا يولى بىلەن خۇەيخەي ئوتتۇرا يولىنىڭ تۇتىشىدىغان جايىدىن كارىدور شەكىللەندۈرۈپ يولنى توسۇۋالغان. بىر قىسىم كىشىلەر نەق مەيداندا قالايمىقان قولغا ئېلىنغان. شاڭخەي فۇشىڭ غەربىي يولىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ساقچى ماشىنىسىنى قورشىۋېلىپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سىندا يەنە ساقچىلارنىڭ فۇشىڭ غەربىي يولىدىكى ئىران كونسۇلخانىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقان ئىككى كىشىنى قولغا ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
نۇرغۇن سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرى ۋاڭپىڭ كوچىسىدا يەكشەنبە كۈنى كەچتە بىر توپ كىشىلەر توپلانغان بولۇپ، ئۇلار بىردەك «ئۆمۈرلۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇرايلى!»، «مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇڭ!»، «ئەركىنلىك ياكى ئۆلۈم» دەپ شوئار توۋلىغان. ساقچىلار تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ، نامايىشچىلارنى قولغا ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن نامايىشچىلار ۋاڭپىڭ كوچىسىدىن چىقىپ پىيادە يۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر خەنجېڭ كوچىسى ۋە باشقا جايلارغا يېغىلىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار قوراللىق ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.
يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا شاڭخەي خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە ھەمكارلىشىپ يىغىلىش نارازىلىق بىلدۈرگەن. سىندا تارقالغان كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، يەكشەنبە كەچتە بېيجىڭدىكى ئەڭ ئاۋات لياڭما كۆۋرۈكى ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلغان بولۇپ، ئاق قەغەز كۆتۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق «شاڭخەي غەيرەت قىل! شاڭخەيدە تۇتقۇن قىلىنغانلار قويۇپ بېرىلسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىلغان سىنلاردا خىتاي جىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشىغا قاتناشقان. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ نەنجىڭ ئالاقە ئىنستىتۇتىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلغان. تارقىتىلغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىئەن ۋە گۇاڭجۇ خەلقى كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. يۈننەن ئۆلكىسىدە يەكشەنبە كۈنى كەچتە نامايىشچىلار ئاق قەغەز تۇتۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ