تايلاندتىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى باشلاندى

2015-يىلى 8-ئايدا تايلاندنىڭ باڭكوكتىكى بۇتخانىسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى 22-نويابىر تايلاندتا باشلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلال مۇھەممەد بىلەن يۈسۈپ مىرئەلى 2015-يىلى تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، تايلاند ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى شۇ يىلى 17-ئاۋغۇست باڭكوكتىكى ھىندى دىنى ئىبادەتخانىسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسىدە 20 ئادەم قازا قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پارتلاتقۇچ دورا بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىككى ساقچى ۋە ئەدلىيە خادىمى باڭكوكنىڭ جەنۇبىدىكى سوت مەھكىمىسىدە ئېراۋان مازارلىقىدا پارتلىغان ئىككى بومبا توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا بومبا ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان ساقچى: «بىز گۇماندارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاختۇرغاندا ئۇرىيە، ئوق دورىسى قاتارلىق پارتلىتىش ماتېرىيال ياسىغىلى بولىدىغان ئىككى خىل بۇيۇمنى بايقىدۇق» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەگەر بۇ ئىككى ئۇيغۇرغا دائىرىلەر گۇمان قىلغىنىدەك جىنايەت بېكىتىلسە، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە پارتلاتقۇچ دورا ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى ئۇيغۇر چېتىلغان بومبا پارتلىتىش دېلوسىنىڭ سوتى 22-نويابىردىن 24-نويابىرغىچە ئېچىلغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سوتتىكى تەرجىماننى خىتاي تەمىنلىگەن بولۇپ، تايلاند ساقچىلىرىمۇ سوتقا ئۇيغۇرچە تەرجىمان قاتناشتۇرۇپ، خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەرجىماننىڭ خاتا تەرجىمە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

بېرنال خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي ساقچى ئىدارىسى تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئىككى ئۇيغۇر ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە ساقچى ئەمەس، بەلكى ئەسكەر بارغانلىقىنى، ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئەسكەرلەر بۇزۇپ كىرگەنلىكىنى، نەق مەيداندا پوچتىدىن كەلگەن بۇيۇملار ئاللىبۇرۇن يەردە چېچىلىپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند دائىرىلىرى بومبا پارتلاشتىن ئىلگىرى 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، دائىرىلەر پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلدى، دەپ دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 838 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2022 00:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق