خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيىگە قامال قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ۋە شۇنچە نالە-پەريادلارغا، چاقىرىقلىرىغا پىسەنتمۇ قىلىنماستىن كۆيۈپ ئۆلۈشكە تاشلاپ قويۇلغان ۋە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن خىتاينىڭ قەبىھ جىنايىتى ئۈرۈمچى خەلقىنى قوزغاتقان بولۇپ، قاتتىق قامالغا قارشى جېنىنى تىككەن خەلق تەرەپ-تەرەپتىن كوچىلارنى قاپلىدى.
24-نويابىر يۈز بەرگەن بۇ ئېچىنىشلىق جىنايەتتىن كېيىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ماتەم ھاۋاسىغا چۆمگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقى 25-نويابىر كەچتە جاننى تىكىپ كوچىلارغا چىققان.
تۆت ئايغا يېقىنلاشقان قاتتىق قامال قىلىش جەريانىدا ئېغىر كۈلپەتلەرنى، قاتتىق ئاچلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلمىغان ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ھەرخىل رەزىل سىياسەتلىرىنى باشتىن كەچۈردى ۋە ئىنسان ئۇياقتا تۇرسۇن، ھايۋانمۇ ياشىمايدىغان ئىنتايىن مەينەت جايلارغا مىڭلاپ-مىڭلاپ ھايۋانلارغا ئوخشاش سولاندى. ئۆيلەردە قامالدا قالغان خەلقنىڭ ئىشىكلىرى، بىنا كىرىش ئېغىزلىرى قاتارلىقلار سىرتتىن قۇلۇپلىۋېتىش، تۆمۈر سىم، كەپشەرلەش قاتارلىقلار بىلەن تاقىلىپ، خەلق ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن باستۇرۇلۇشقا دۇچ كەلدى. بۇ جەرياندا ئائىلىلەردە ھەرخىل كېسەللەر بىلەن ئاغرىغان ياشانغانلارغا، كىچىك بالىلارنىڭ كېسەللىرىگە پەرۋامۇ قىلىنمىدى ۋە ئۆلۈمگە تاشلاپ قويۇلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تەرىپىدىن قىممەت باھادا، ئاندا-ساندا تەمىنلىنىدىغان ناچار يېمەكلىكلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولسا، ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلەر ئاچلىقتىن ئۆلۈمگە دۇچار بولدى ۋە ئۆيىدە ئاچلىقتىن جان ئۈزگەن ئونلىغان كىشىلەرنىڭ سىنلىرى پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتتى.
خىتاي رېجىمى يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئۆز زىرائەتلىرى، مال-چارۋىلىرىغىمۇ ئىگە چىققىلى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلماستىن، ھېسابسىز زىرائەت، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، مال-چارۋىلارنىڭ ئاچلىقتىن قىرىلىپ تۈگىشىگە قاراپ تۇردى.
ھەتتا ئاچلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ نالە-پەريادلىرىغا چىدىمىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىمۇ خەلققە تارقاتماستىن، قىممەت باھادا سېتىشقا، ئەخلەتكە تۆكۈۋېتىشكە ۋە خىتاي ئاققۇنلىرىغا تارقىتىپ بېرىشكىچە بولغان نومۇسسىزلىقلارنى قىلدى.
پۈتۈن دۇنيانىڭ بېسىمى ۋە ھەرخىل جازا يۈرگۈزۈشلىرىگە پەرۋا قىلمىغان ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا سوغۇق ھاۋانىڭ كىرىشىگە قارىماي شەرقىي تۈركىستان ھەر تەرىپىدىن كەڭ كەتكەن ئاتالمىش ئايرىپ كۆزىتىش نامىدىكى ئۆلۈم كەپىلىرىنى سېلىپ، كارانتىن باھانىسى بىلەن ئۇلارنى توپ-توپ ھالدا ئۆيلىرىدىن ئېلىپ چىقىۋاتقان، خەلقنىڭ ئاھۇ-زارى پەلەككە يەتكەن بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چوڭقۇر ماتەم ۋە قايغۇغا سېلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى ۋە ئېغىر قايغۇغا چۆمدۈردى.
خىتاينىڭ يولسىز قامال قىلىپ قىيناش قىلمىشلىرى ۋە بۇ پاجىئەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى نومۇس قىلماستىن ئاز كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى قاتارلىق رەزىللىكلەرگە چىدىمىغان ئۈرۈمچى خەلقى جېنىنى تىكىپ 25-نويابىر كەچتىن باشلاپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى.
تارقىلىۋاتقان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كوچىلارغا چىققانلار ئىچىدە خىتايلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئائىلە قورۇسى ۋە مەيدانلارغا توسۇق قويۇپ قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان خىتاي خادىملىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان ۋە توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كوچىلارغا چىققان.
كوچىلاردىكى خەلق بىنادىكى كىشىلەرگە «بىنادىن چۈشۈڭلار!» دەپ توۋلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى قاتارلىق رايونلارنىڭ كوچىلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان. ئۇلار بىردەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىردەك «قامال بىكار قىلىنسۇن»، «قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلار» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان. خەلق ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ «قامال بىكار قىلىنسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي رېجىمى بۇ ئېچىنىشلىق كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان بولۇپ، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارمۇ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قىلغان سۆزلىرىدە خىتاينىڭ رېجىمنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى مازاق قىلغانلىقىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي شۇ كۈنى يېرىم كېچىدىن باشلاپ تور ئۇچۇرلىرىنى تاقىغان بولۇپ، بۇرۇن تارقالغان ئونلىغان سىنلار ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا كەڭ تارقىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كېچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئەھۋالىدىن ئەسەر قالمىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر