24-نويابىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى 22 قەۋەتلىك بىر ئولتۇراق بىناسىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي قۇتقۇزۇش تارماقلىرى قەستەن ۋاقتىدا كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئوت ئاپىتى 15-قەۋەتتىن باشلىنىپ 21-قەۋەتكىچە يامراپ، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر قازا قىلغان.
خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خەلقنىڭ ئىشىكلىرىنى، ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇلۇپلاپ ياكى توسۇق قويۇپ، ئۆيلىرىگە قامىغانىدى. ئەمما ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ تەدبىرلەر قامال باشلانغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقان ئۈرۈمچىدە ئېچىنىشلىق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوت ئاپىتى 24-نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17:49 دە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بىر ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن. خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاپەت ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى، سائەت 20:35 مىنۇت ئۆتكەندە ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، ئون كىشىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
ئەمما ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار ۋە ئىنكاسلار باشقىچە بىر رېئاللىقنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پاجىئەگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي قامال سىياسىتى ۋە ئوت ئۆچۈرۈشنى قەستەن كېچىكتۈرۈشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. تارقالغان سىنلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوت كۆيۈۋاتقان پەيتتىمۇ تاقالغان دەرۋازىنى ئاچمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بىر سىندا ئوت كەتكەن ئۆيدىكى بىر ئايالنىڭ «ئىشىكنى ئېچىڭلار! تېزدىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىڭلار!» دەپ ئېچىنىشلىق نالە قىلغانلىقى ئاڭلانغان.
تارقالغان يەنە بىر سىندا ئۈندىدار توپىدىكى ئاۋازلىق ئۇچۇرلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئوت ئىچىدە قالغان ئۆيدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆزلىرىنىڭ 16-قەۋەتتە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىگە ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، بالىسىنىڭمۇ بولالماي قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باشقا بىر نەچچە سىن بولسا خىتاينىڭ نەچچە ئايدىن بېرى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن بىنانىڭ ئەتراپىنى قورشىۋەتكەن تۆمۈر رېشاتكىلار ۋە توسۇقلارنىڭ ئەسلىدىنلا قەستەن كېچىكىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىنىڭ كىرىشىگە توسالغۇ بولغانلىقىنى، بۇلارنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كەتكەنلىكىنى، ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدىمۇ پۈركىگەن سۇلارنىڭ كۆيۈۋاتقان ئوتقا يەتمىگەنلىكىنى، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە ئۈنۈمسىز ھەرىكەت سەۋەبلىك، قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتىنىمۇ يوق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
گەرچە خىتاي رېجىمى قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى پەقەت ئون دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەزەلدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشتەك ئادىتى ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر سۇپىلىرىدا يېزىلغان ئىنكاسلارمۇ يۇقىرىقى قاراشنى دەلىللەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 30 نەچچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مەزكۇر پاجىئە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق ماتەمگە چۆمدۈرگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆز قايغۇسىنى بىلدۈرۈشمەكتە ۋە شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى بولغان بۇ پاجىئەنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بۇ قېتىملىق پاجىئەدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن 26-نويابىر كەچتە سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان فاتىھ جامەسىدە غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە دۇئا يىغىلىشى ئورۇنلاشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ