شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن تونۇلغان پىشقەدەم سىياسەتچى ئەنۋەر ئىبراھىم مالايشىيانىڭ ئونىنچى نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. ئەنۋەر ئىبراھىم بۈگۈن يەرلىك ۋاقىت سائەت 17:00 دە مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ شاھنىڭ ھۇزۇرىدا قەسەم بېرىپ يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالدى.