گېرمانىيە خىتايدىن كىلىمات كىرىزىسىغا تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى خىتايدىن يېڭى كىلېمات ئۆزگىرىش ئاپىتى مەسىلىسىدە تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.

گېرمانىيە تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن كىلېمات باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسى گېرمانىيەدە ئوخشىمىغان كەيپىيات قوزغىغان. كىلېمات باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان مۇرەسسە قارارى گېرمانىيەدە قىسمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك دەپ قارالغان، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قاراردىن ئۈمىدسىزلەنگەن. مۇھىت ئاسراش گۇرۇپپىلىرى ۋە كىلېمات پائالىيەتچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى تەنقىد قىلىپ، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى 1.5 گرادۇست دائىرىسىدە چەكلەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بارغانچە يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كىلېمات باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بارلىق ئاساسلىق بۇلغىغۇچىلار يېڭى كىلېمات ئاپەت فوندىغا پۇل تۆلەپ، نامرات دۆلەتلەرنىڭ كىلېماتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان زىيىنىنى تولۇقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيە فېدېراتسىيە تەرەققىيات مىنىستىرى سۋېنجا شولتس(Svenja Schulz)يەكشەنبە كۈنى تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، «كىلېمات پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق دۆلەتلەر چوقۇم تۆلەم تۆلەش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى كېرەك. ئەڭ چوڭ بۇلغىما قويۇپ بەرگۈچىلەر ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشلىنىدۇ» دېگەن.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك كىلېمات پاجىئەسىگە سەۋەب بولغان دۆلەتلەرنىڭ تۆلەم مەسىلىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كىلېمات سىياسىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە خىتاينىڭ كىلېمات باشلىقلار يىغىنىدا يېڭى فوند ئۈچۈن پۇل تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى تۆلەم فوندى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش خەتىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن ۋە بوران قاتارلىق ئاپەتلەر، دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلىشى ھەمدە يەر شارىنىڭ كۈندىن -كۈنگە چۆللىشىش مەسىلىلىرى بار ئىكەن. ئەمما خىتاي ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ داۋا قىلغاچقا، يېڭى فوند ئۈچۈن پۇل تۆلەش توغرىسىدا ۋەدە بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 618 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2022 17:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق