ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سىياسەت تورى 17-نويابىر ئۈچ كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كورنىننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن كۈچلۈك لوبىچىلىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنىڭ ئاساسى نىشانى فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى چەكلەشنى يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىغا كىرگۈزۈش ئىكەن. بۇ تەدبىر «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى» نىڭ 889-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى كېڭەيتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىدە ئاللىقاچان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىتاي تېلېگراف شىركىتى ياكى ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىغان ھۆددىگەرلەر بىلەن سودا قىلىشى چەكلەنگەن.
خەۋەردە شۇمېر بىلەن كورنىن ئالدىنقى ئايدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» نىڭ ئۆكتەبىردىكى «باشقۇرغۇچى مەنبەسى» گە ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوشۇپ، خىزمەتداشلىرىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2023-يىللىق مالىيە خام چوتى «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى» بۇ يىل ئاخىرىدا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىكەن. ئالدىنقى ئايدا بايدېن ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش كەڭ كۆلەمدە ئېكسپورت كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا قورال ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە مەلۇم يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ياساشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىمۇ بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ