شى جىنپىڭ كامالا ھاررىسقا يالۋۇردى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىس بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزلىرى دىققەت قوزغىدى. 

قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 19 – نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ تايلاندنىڭ بانكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (APEC) ئىقتىسادىي رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىس بىلەن كۆرۈشكەندە خاتا ھېسابلارنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتۇرۇشتىكى خاتا قاراشلارغا خاتىمە بېرىشى، بىرلىكتە تىرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت كامالا ھاررىسنىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

مۇئاۋىن پرىزدېنت كامالا ھاررىس ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇش ياكى كۈرەش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئورتاق تىرىشىپ، ئالاقە لىنىيىسىنى ئوچۇق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

كۈزەتكۈچىلەر، G20 رەھبەرلەر يىغىنىدا شى جىنىپڭ بىلەن بايدىن ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى، ئارقىدىنلا بانكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭنىڭ كامالا ھاررىسقا قىلغان يۇمشاق سۆزلىرى بايدېن شى جىنپىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كۈتكەندەك بولمىغانلىقى ۋە شى جىنىپڭنىڭ كامالا ھاررىس ۋاستىسى بىلەن ئوتتۇرىنى يۇمشىتىشقا تىرىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1369 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2022 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق