خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشى داۋام قىلماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قاماپ قىيناش قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغان بىر ھادىسىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاي رېجىمى قاماپ ئاچ قويغاننى ئاز دەپ، ھېچقانداق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغان زاللارغا سولاپ خەلقنى سوغۇقتا قىينىماقتا.

18-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقالغان بىر قانچە سىندا مەكتەپ بالىلرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سىنىپلىرىغا قامالغان ۋە قەيەر ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىنتايىن ناچار شارائىتتىكى يەرلەرگە چوڭ-كىچىك دېمەستىن قامالغانلارنىڭ كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا رەھىمسىزلىك بىلەن قامالغان يۈزلىگەن كىشىنىڭ سوغۇقتىن كېسەل بولغانلىقى مەلۇم بولۇپ، زالدا توختىماي ئاڭلىنىۋاتقان يۆتەل ئاۋازلىرى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان قاماپ ئاچ قويۇپ باستۇرۇش قىلمىشى كۈنسىرى چېكىدىن ئاشماقتا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىشنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ باشلانغان سوغۇق ھاۋاغىمۇ قىلچە پەرۋا قىلماستىن، ھېچقانداق ئىسسىنىش ئەسلىھەسى بولمىغان مەينەت زاللارغا مەجبۇرىي سولاپ قىينىماقتا.

ەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 898 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2022 19:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق