خىتاينىڭ نىيۇيوركتىكى ساقچى پونكىتى تەكشۈرۈلمەكتە

ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ نىيۇيوركتىكى ساقچى پونكىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي 17-نويابىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە رۇخسەتسىز تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ساقچى پونكىتى»نىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە قۇرۇپ چىققان «ساقچى پونكىت» تورىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. كرىستوفىر ۋراي خىتاينىڭ ئامېرىكىدا قانۇنسىز تەسىس قىلغان قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان.

كرىستوفىر ۋراي كېڭەش پالاتاسى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ساقچى پونكىتى» توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن. بىز بۇ خىل پونكىتنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. بىز بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدۇق. ئەمما ماڭا نىسبەتەن خىتاينىڭ تەستىقتىن ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قۇرۇپ چىققان ئاتالمىش ساقچى پونكىتى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ» دېگەن. بۇ مەسىلە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى 7-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترىيە، چېخ، گېرمانىيە، ئېرلاندىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 14 دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ چەت ئەلدە قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، كانادا، چىلى، نىگېرىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسى ۋە مۇناسىپ تورلىرىنى تەكشۈرۈشكە، خەتەر ئاستىدىكى مەھەللىلەر ھەققىدە يېتەرلىك دوكلات بېرىش ۋە قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەزكۇر جىنايەت گۇماندارلىرىغا قاراتقان جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2022 19:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق