ئامېرىكا پارلامېنت كومىتېتى خىتاينىڭ 2022-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە قانۇنىي ئىدارە قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئالاھىدە كومىتېتى 16-نويابىر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي داۋاملىق ھوقۇقنى باشقۇرۇش قوراللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى چەكلىگەن ۋە ئىنتېرپول مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە چەتئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى چېگرا ھالقىپ باستۇرغان.
بۇ دوكلات ئامېرىكا پارلامېنتىدا تەشكىللەنگەن پارلامېنت كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. بۇ كومىتېتقا ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ۋە پالاتا ئەزالىرى رەھبەرلىك قىلغان. كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مېكگاۋرېن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋە قوشۇمچە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.
پارلامېنت ئەزاسى مىكگوۋرېن بۇ ھەقتە: «بىز ھەر دائىم خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشىغا ئەھمىيەت بەردۇق. خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە سوقۇنۇپ كىرىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى باستۇردى. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرى، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملىق خاتىرىلەپ ماڭدۇق» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش بۇ كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى، تۆھمەت چاپلاش قىلمىشى، شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە ئىنتېرپول مېخانىزىمىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قوللانغان بارلىق ۋاسىتىلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارشى باستۇرۇش سىياسىي قورالى قىلىپ ئىشلىتىش، جۈملىدىن سوت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ساغلام كىشىلەرنى روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئورنىغا قاماش، نومۇسىغا چېقىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىن پايدىلىنىپ دېموكراتىيە تەشەببۇسچىلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشى، ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەت ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنى قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ