13-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن تەزىيە بىلدۈرۈشتى. شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىن بىر ھەيئەت 17-نويابىر ئىستىقلال كوچىسىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، گۈل ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.