خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قاماپ قىيناش قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جېنىدىن جاق تويغۇزغان. خىتاي دائىرىلىرى قاماپ ئاچ قويغاننى ئاز دەپ، ئۆي ۋە ئاتالمىش «كۆزىتىش مەركەزلىرى» دىن چىقىرىلغانلارنى يەتتە كۈندىن 10 كۈنگىچە ھەقلىق مېھمانخانىدا يېتىشقا مەجبۇرلىغان.
17-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان قاماپ ئاچ قويۇپ باستۇرۇش قىلمىشى ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى»دىن قويۇپ بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيناپ، ھەقلىق مېھانخانىلاردا يېتىشقا مەجبۇرلىغان.
سىندا خىتاي دائىرىلىرى ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىپ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى»گە سولانغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» دىن قويۇپ بېرىلىپ، مېھمانخانىدا يېتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، ياتاقنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى 150 يۈەن، تاماق پۇلى 50 يۈەن ئىكەنلىكىنى، ياتاقتا ياتمايمىز دەپ، قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بارلىق كىشىلەرنى بۇ ئەھۋالغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىيناش، مەينەتچىلىك ۋە ئاچلىقتىن كېسەل بولغانلارنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ