20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن شەرتسىز ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كۆپىنچە ئەزالار رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ئۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئەمما بەزى ئەزالار باشقىچە قاراشتا بولغان G20 دۆلەت ئەزالىرى رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيەگە ۋەكىللىك قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى يىغىننى سىياسىيلاشتۇردى دەپ ئەيىبلىگەن. شى جىنپىڭ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى سۆزىدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى توغرىسىدا گەپ ساتقان بولسىمۇ ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى تىلغا ئالمىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەزەلدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىمىگەن ھەتتا ھەر خىل سورۇنلاردا موسكۋانى قوغدىغان. خىتاي 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش باياناتىغا قوشۇلۇشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن كۈنسېرى كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ئالامەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان. نەتىجىدە، خىتاينىڭ بارغانسېرى رۇسىيەنى قوللاش ھەرىكىتى پەسكويغا چۈشكەن.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 20 دۆلەت گۇرۇھى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەنە بىر يەرگە جەم بولۇپ، رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشنى پەسەيتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئالدىنقى كۈنى: «رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دېگەن. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخانى ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو: «ئەگەر ئۇرۇش ئاخىرلاشمىسا، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى تەسكە توختايدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ