بېنگال مۇسۇلمانلىرى 1933- ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى نامايىش قىلدى.
ئاسىيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېنگال مۇسۇلمانلىرى 12-نويابىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 12-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېنگال مۇسۇلمانلىرى داككاغا جايلاشقان داككا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىدىكى شاھباغ دۆلەتلىك مۇزېيى ئالدىدا نامايىش قىلغان بولۇپ، نامايىشقا 600 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلىرىگە قارشى شوئار توۋلىغان ھەمدە خىتاينى جازا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان نەچچە مىليون مۇسۇلماننى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
نامايىشچىلار يەنە خىتاينىڭ بېنگالدا كېڭىيىش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ بېنگالغا سالغان تاشيول، ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش تۈرلىرىنىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى، خىتاي بېنگالنى سىرىلانكىغا ئوخشاش قەرز تۇزىقىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا بېنگالدىكى BBSS پاراۋانلىق جەمئىيىتى ۋېلىسىپىتلىك يۈرۈش نامايىشى تەشكىللىگەن. پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى تەۋپىق ئەھمەد تەفسىر نامايىشتا سۆز قىلىپ، خىتاي دەۋا قىلغاندەك شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ۋەھشىيلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېنگالدىكى ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ موتوسىكلىتلىق يۈرۈش نامايىشى تەشكىللىگەن.
جاگراتا ئىسلام خەلق پارتىيەسى خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ئىشغال قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇندىن باشقا بېنگالنىڭ نارايانجەن شەھىرىدە نامايىشچىلار خىتايغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېنگال خەلقىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاشقا ۋە خىتاينىڭ قانۇنسىز قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ