20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا شى جىنپىڭ بىلەن كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق، جىددىي سۆھبەت تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىغان بولۇپ، شى جىنپىڭ تىرۇدوغا ئۆكتەملىك قىلىپ: «سۆزلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىنىپتۇ» دەپ ۋايسىدى.
ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ئوتتۇرىسىدىكى قىسقا ۋە سوغۇق كەيپىياتتا ئۆرە تۇرۇپلا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت مۇخبىرلارنىڭ كامىراسىدىن قاچالمىغان.
تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتا بولۇپ تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە، شى بىلەن تىرۇدو يىغىن مەيدانىدا يۈزتۇرانە پاراڭلاشقانلىقى كۆرۈنگەن بولۇپ، مەزكۇر سىندا شى جىنپىڭ تىرۇدوغا: «بىز پاراڭلاشقان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلاندى، بۇ مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ ۋايسىغان ۋە كانادا تەرەپنى «سەمىمىيەتسىز» دەپ ئەيىبلىگەن.
تىرۇدو كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ: «بىز كانادادا ئوچۇق، ئەركىن ۋە سەمىمىي دىئالوگقا ئىشىنىمىز ۋە داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىجابىي ھەمكارلىشىش نىيىتىمىز يەنىلا ئوخشاش، ئەمما بىز قوشۇلمايدىغان نۇقتىلارمۇ بولىدۇ» دەپ قوشۇپ قويغان.
بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭ «ئالدى بىلەن شارائىت يارىتايلى» دەپ جاۋاب بېرىپ، تىرۇدونىڭ قولىنى سىقىپ سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرغان.
شى جىنپىڭنى بىئارام قىلغان مەزكۇر دىئالوگنىڭ ئېھتىمال كانادادا خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەر ۋە خىتاينىڭ كانادا سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
ئاخباراتقا يېپىق تەرىقىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشتە شى بىلەن ترۇدو نەچچە يىللاردىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنىدى. مەزكۇر كۆرۈنۈشلەر يەنە كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى جىددىيلىكنىمۇ يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ قويدى.
2018-يىلى خۇاۋېينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى مىڭ ۋەنجوۋ قولغا ئېلىنغاندا، بېيجىڭنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب سۈپىتىدە ئىككى كانادالىقنى جاسۇسلۇق جىنايىتى ئارتىپ بىلەن قولغا ئېلىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى. كېيىن بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى ئۆزئارا قويۇپ بېرىلگەنىدى.
كانادادا يېقىندا يەنە دۆلەتنىڭ بەزى جايلىرىنى توك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان Hydro-Quebec شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى يۈشېڭ ۋاڭنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي «خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سودا مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر