پاكىستان خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۆلتۈرگۈچىلەرگە ھۆكۈم ئېلان قىلدى

پاكىستان دائىرىلىرى بۇلتۇر ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن خىتايغا ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارىغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

15-نويابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ يېقىندا پاكىستان يەرلىك سوتىنىڭ داسۇدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارىغا ھۆكۈم چىقارغانلىقى، ھۇجۇمنى تەشكىللىگۈچىگە ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، پاكىستاننىڭ 14- ئىيۇل داسۇدا يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم دېلوسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەقە سادىر قىلغان قاتىلنى قاتتىق جازالىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى، دېلودىكى جىنايەت گۇماندارى ئاخىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، خىتاي پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ خىتاي پۇقرالىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان ھۆكۈم ئېلان قىلغان دىلو 2021-يىلى 28-ئىيۇل پاكىستاندىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا يېقىن يەردە يۈز بېرىپ، توققۇز خىتاي ئىشچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى بولۇپ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان ماشىنىنى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئىشچىلار پايتەخت ئىسلامئابادنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يىراق شەھەر داسۇدىكى ئىش مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتقان ئىكەن. خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى گېجۇبا گۇرۇھىنىڭ ئىشچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى ئاپتوبۇسقا ئېغىر زىيان سالغان. بۇ ۋەقە بۈگۈنگە قەدەر پاكىستاندا خىتاي ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر ۋەقە بولۇپ، ماشىنا ئەترىتى شىركەت خىزمەتچىلىرى تۇرغان قورۇدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارتلاش يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا 13 ئادەم ئۆلگەندىن باشقا، كەم دېگەندە 41 ئادەم يارىلانغان ۋە ماشىنا ئەترىتىگە ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىمۇ پارتلاشتا ئۆلگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە پاكىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلەر ۋە ئىشلەمچىلەر قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، پاكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى خىتاي ئىشلەمچىلىرى سىرتلارغا چىققان ۋاقىتلاردا ھەربىي ئاپتومىل بىلەن يۆتكەشكە باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
17/11/2022 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق