ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق خىتاي دائىرىلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاتالمىش «يامان غەرەزلىك ئۇچۇر تارقىتىش» قىلمىشى سەۋەبلىك ئۈچ كىشىنىڭ جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قىسقا سىنلار خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەر ئېلان قىلغان ئۈچ كىشىنىڭ دەل «ئۈرۈمچى» دېگەن سۆزنى ھەمبەھرىلىگەنلىكى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى قەشقەر ۋىلايىتىدىن بىر كىشى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىككى كىشى بولۇپ، جەمئىي ئۈچ كىشىنىڭ ئاتالمىش «يامان غەرەزدە تور ئۇچۇرى تارقىتىش» سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۈچ كىشىنىڭ كونكرېت نېمە سەۋەبلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاي رېجىمى تارقاتقان خەۋەردە مەزكۇر كىشىلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېسابى بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزگىلىدە، باشقىلارنى يامان غەرەزدە تور ئۇچۇرى تارقىتىشقا قۇتراتقان ياكى خىتاي رېجىمىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزگىلىدە، يامان غەرەزدە ئىنكاس يازغان ھەم ئىنكاسلارنى ئۈزۈپ ئېلىپ، قىسقا سىن ئارقىلىق تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي رېجىمى مەزكۇر خەۋەردە جازالانغان تىپىك دېلودىكى ئۈچ كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا «ئۈرۈمچى» دېگەن سۆزنى يوللىغانلىقى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى يوشۇرغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قىسقا سىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، سىندا كۆپچىلىكنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا «ئۈرۈمچى» دېگەن سۆزنى يوللىماسلىقى كېرەكلىكى، مەلۇم كىشىنىڭ بۇ سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈپ جازالانغانلىقى، جازالانغان ئۈچ كىشىنىڭ بىرىنىڭ دەل شۇ «ئۈرۈمچى» دېگەن سۆزنى ھەمبەھرىلىگەنلىكى سەۋەبلىك تەكشۈرۈلگەنلىكى، كۆپچىلىكنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ھەققىدە ئىنكاس يازماسلىقى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.
شۇنداقلا خىتاي يەنە خەلقكە تەھدىت سېلىپ تۆۋەندىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنداق قاتتىق ئەسكەرتىدۇكى، ئالاقە تورى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، يېقىنقى مەزگىلدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە يامان غەرەزدە ئىنكاس يېزىپ، تور ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز كەڭچىلىك قىلمايدۇ. توردىكى قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ» دېگەندەك تەھدىتلىك سۆزلەر ئورۇن ئالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ