خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە قاماپ ئاچ قويغاننى ئاز دەپ، خەلق ئىچىدىن «ئاچ قالدۇق» دەپ ئۈن چىقارغانلارنى تۇتقۇن قىلغان ھەمدە قامالغان ئورۇنلاردا ئۈن چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقى، ۋارقىرىغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
16-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان قاماپ ئاچ قويۇپ باستۇرۇش قىلمىشى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشقان بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۈن چىقارغانلار تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
سىندا ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى»گە سولانغان بىر كىشى نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى سۆزلەپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا «ئۈرۈمچى» دېگەن سۆزنى يوللاش قانۇنسىز ھەرىكەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، «ئۈرۈمچى» دېگەن سۆزنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى سەۋەبلىك مەلۇم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ۋاقىراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ھالدا يەنە: «پۇل تېپىشقا بولمايدۇ، بىنادىن چۈشۈشكە بولمايدۇ، تاماق يىگىلى پۇل بولماسلىق سىزنىڭ ئىشىڭىز، ئاچ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئەمما سىز شۇنداق ھالەتتىمۇ ئاچ قالدۇق دەپ ۋارقىرىسڭىز بولمايدۇ» دەپ كىنايە قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىيناش، مەينەتچىلىك ۋە ئاچلىقتىن كېسەل بولغانلارنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاز دەپ قىرغىن قىلىنىۋاتقان خەلقنىڭ ئۈن چىقىرىشىنىمۇ چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ