گېرمانىيە باش مىنىستىرى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان خىتايدىن چوڭ

 14-نويابىر سىنگاپوردا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز گېرمانىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئاسىيا تىنچ-ئوكياننىڭ خىتايدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شولز ئاسىيا ساياھىتىدە تۇنجى قېتىم ۋېيتنامنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتىدە سىنگاپورنى زىيارەت قىلغان. شولزنىڭ سەپىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدىكى زىيارىتىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، گېرمانىيە كەلگۈسىدىكى خىتايغا قارشى سودا ۋە سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.

شولز ئاسىيا تىنچ ئوكيان گېرمانىيە سودا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي يەنىلا مۇھىم سودا ھەمراھى، ئەمما ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى خىتايدىن چوڭ» دېگەن.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ گېرمانىيەگە سالغان مەبلىغى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى كۈچلۈك سودا ئالاقىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولغان بىر مەزگىلدە رۇسىيە بىلەن بولغان خاتا مۇناسىۋەتنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنغان. رۇسىيە ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك رايونىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر تەمىنلەشنى توختاتقان.

ئۇ دۈشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلىرى خىتاينىڭ بەش-ئون يىل ئىلگىرىكى خىتايغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلىرى بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدە بەزى خام ئەشيا ياكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا مەسىلىسىدە خەتەرلىك ھالدا بىر تەرەپلىمە تايىنىشنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 553 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2022 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق