گۇاڭجۇ پۇقرالىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلغان قامال سىياسىتىگە قارشى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان ئىسيان كۆتۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭجۇنىڭ خەيجۇ رايونىدىكى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى كوچىلارغا چىقىپ، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلغان قامالغا قارشى ئاز ئۇچرايدىغان ئىسيان باشلىغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ئىجرا قىلغان ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىسيان خىتاي كوممونىستلىرىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان كەم ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەسى ئىكەن.
خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قىسقا سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، 14-نويابىر كەچتە يۈزلىگەن نامايىشچىلار كوچىلارغا چىقىپ كوچىلاردىكى توساق ۋە رېشاتكىلارنى ئۆرۈۋەتكەن. خەلق يەنە «بۇنىڭدىن كېيىن سىناق تەكشۈرۈشى يوق»، «قامال ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان. قىسمەن نامايىشچىلار يەنە ئاق كىيىملىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. دائىرىلەر ساقچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار ساقچىلارغا ئەخلەتلەرنى ئاتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇاڭجۇ خىتايدىكى يېڭىدىن ۋىرۇس تارقالغان نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مەركىزى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى 5124 كىشىنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە رايوندىكى خەلقئارالىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
2022-يىللىق پەي توپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانى گۇاڭجۇدىن تايلاندنىڭ بانكوكقا يۆتكەلگەن. مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى رەسمىي باياناتىدا، مۇسابىقە مەيدانىنى يۆتكەشنىڭ سەۋەبى نۆۋەتتىكى يۇقۇم كەلتۈرگەن تۈرلۈك خىرىسلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ