خىتاي جازا سەۋەبلىك رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى ئاستىلاتتى

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جازالارنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى ئازايتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پات ئارىدا رۇسىيەگە يۈرگۈزمەكچى بولغان جازاسى ۋە رۇسىيە نېفىتىنىڭ G7 باھا چەكلىمىسىدىكى ئېنىقسىزلىقى سەۋەبلىك خىتاي نېفىت ئايرىش زاۋۇتى 12-ئايدا رۇسىيەنىڭ خام نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى ئاستىلىتىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي ۋە ھىندىستان رۇسىيە نېفىتىنى ئاساسلىق سېتىۋالغۇچى دۆلەتلەر بولۇپ، رۇسىيەنىڭ خام ئەشيا ئوبوروتى ۋە باھاسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5-دېكابىر ۋە 5-فېۋرال رۇسىيەنىڭ خام نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىكەن.

بىر خىتاي سودىگەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسىدىكى باھا چەكلىمىسى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەندىشىلەر ۋە قالايمىقانچىلىقلار بار ئىكەن. ئەمما كىشىلەر يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 12-ئايدا مال باھاسى بىخەتەر بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن. ئۇندىن باشقا سېتىۋالغۇچىلار G7 نىڭ رۇسىيە نېفىتىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش پىلانىنىڭ پۇل تۆلەش مېخانىزمى، يۈك توشۇش ۋە يۈك سۇغۇرتىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە ئىكەن. رۇسىيە بولسا غەربنىڭ جازالاش پىروگراممىسىغا قاتناشقان دۆلەتلەرگە نېفىت ئېكسپورتىنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېللېننىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەنىڭ نېفىت باھاسىغا قويغان چەكلىمىسى خىتاي بىلەن ھىندىستانغا پايدىلىق ئىكەن.

ئېنېرگىيە ئانالىز شىركىتى Vortexa نىڭ ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىمپورتى بولۇپ، بۇنىڭدا دۆلەت ئىلىكىدىكى شىركەتلەر %85 نى ئىگىلىگەن. بۇ ئالدىنقى توققۇز ئايدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.  

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 749 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2022 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق