ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن غەربكە يۈزلەنمەكتە

فىرانسىيە گېزىتلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، فىرانسىيە ئاكادېمىكلىرى دۆلەت باشلىقلىرىنى ئەمەلىي دىپلوماتىيە ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا چاقىرغان. خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيەدىن يىراقلىشىپ، خىتاي بىلەن غەربنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق گېزىتلىرىنىڭ بىرىنچى بېتىدە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا مەركەزلەشكەن. مەزكۇر يىغىندا ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبتىكى دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى بىۋاسىتە ئەيىبلىمەيدىكەن. شۇڭا بۇ باشلىقلار يىغىنىدىكى سۆھبەت بىر قەدەر قىيىنغا توختىشى مۇمكىن ئىكەن.

«ئازادلىق كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خەۋەردە يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە رۇسىيەدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ، خىتايغا ياكى غەرب ئەللىرىگە يېقىنلاشقانلىقى، گەرچە بۇ دۆلەتلەر سۆزلىرىدە ئېھتىياتچان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوللايدىغانلىقى، ھەمدە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قوللىمايدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق رۇسىيەگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

گېزىت خەۋىرىدە يەنە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت داۋامىدا مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە  مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەھلىل قىلىنغان. ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رايون سىياسىتىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىزچىل قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2022 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق