ئايرىپ قامالغان خەلق: ئۆلتۈرگىلى ئېلىپ كەلگەن بولساڭ راستىڭنى ئېيت

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قاماپ قىيناش قىلمىشلىرى خەلقنى جېنىدىن جاق تويغۇزماقتا. 

14-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن تارقالغان بىر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان قاماپ ئاچ قويۇپ باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر سىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» گە سولانغان بىر ئايال قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ نالە قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ نەۋرىسى بىلەن بۇ جايغا سولانغانلىقىنى، نەۋرىسىنىڭ بەك قېينىلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ يەرگە سولانغاندىن ئۆلۈم مىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر قانچە بولسىمۇ بىز ئادەم تۇرساق، ئەتتىگەن يەتتە نەپەر ئادەمگە ئۈچ تال قۇيماق بەردى، بىزنى بۇنداق قاماپ قويساڭلار ئۆلۈپ كەتمەمدۇق؟ ياكى بىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنمۇ بۇ يەرگە؟ شۇنداق بولسا گېپىڭلارنى ئوچۇق قىلىڭلار، ھەر قانچە بولساقمۇ بىز ئادەم تۇرساق. ئادەم تۈگۈل ھايۋان بولسىمۇ ئىچ ئاغرىتاتتى، ئۇنداق قىلماڭلار!» دەپ ھۆڭرەپ يىغلىغان.

خىتاينىڭ ۋەھىشي جىنايەتلىرىنى ئېنىق ئاشكارىلىۋاتقان بۇ خىل سىنلار ئىجتىمائىي  تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 912 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2022 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق