ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا 12-نويابىر كامبودژانىڭ فنوم پېندا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا يىغىندا ئاسىيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ، خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە رايوندىكى جىددىيلىكنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىدا كامبودژادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كىشىدا يىغىندا: «خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە كۆپىيىۋاتىدۇ. خىتاي يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى رايون جىددىيلىكىنى كۈچەيتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ سۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى، تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا يول باشلاش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ