خىتاي بۇ يىل تارىمدىن 27 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان

خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن 27 مىليون 360 مىڭ توننا نېفىت-تەبىئىي گاز بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان.

خىتاي دىۋىزىيە تورىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى جەمئىي 27 مىليون 360 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 140 مىڭ توننا ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئاچقان نېفىت-تەبىئىي گاز مىقدارى 3750 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، نېفىت سۇيۇقلۇقى جەمئىي 6 مىليون 195 مىڭ 500 توننا، تەبىئىي گاز جەمئىي 26 مىليارد 566 مىليون كۇب مېتىر ئىكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى خىتايغا توشۇشقا تەشكىللەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 21 مىڭ 434 توننىغا، كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 95 مىليون 590 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن. خىتاي بۇ يىل تارىم نېفىتلىكىنى قېدرىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھازىرغىچە نېفىت-تەبىئىي گاز بايقالمىغان توققۇز رايوندا نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىگەن. تەكشۈرۈشتە دەلىللەنگەن بەش سانائەت خاراكتېرلىك نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى ئىچىدە، نېفىت-تەبىئىي گازلىق ئالاھىدىلىكى ھەم نېفىت-تەبىئىي گاز بار دائىرىنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ چىققان. بولۇپمۇ «فۇدۇڭ» 1-قۇدۇقىدىكى 8000 مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدا يۇقىرى مەھسۇلات بايقىغان.

ئشىغالىيەتچى خىتاي رېجىمى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئىمبارگوسى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە ئەگىشىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، نېفىت ھەمدە تەبىئىي گاز بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتمەكتە. ھەر خىل ئاپەتلەر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كۆمۈر ۋە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، رۇدا ۋە نېفىت، ھەمدە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرمەكتە .

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2022 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق