خىتاي يۇقۇم مۇداپىئەسىنى تەڭشىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ئەھۋال ئېغىرلاشماقتا

خىتاي كۆپ جايدىكى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئەمەلىيىتىدىكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدا يۇقۇم مۇداپىئە تىزگىنىنى تەڭشىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ جىلې خىتاينىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش مېخانىزمى بۇيىچە 12-نويابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقۇم مۇداپىئە تىزگىنىنى تەڭشىگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، 20 تۈرلۈك ياخشىلاش تەدبىرى 9-نۇسخىدىكى مۇداپىئە-تىزگىن لايىھەسى ئاساسىدا، خەتەرلىك خادىملارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، خەتەرلىك رايونلارنى بېكىتىش، چېگرادىن كىرگەنلەرنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش، نۇقتىلىق سورۇنلاردا مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشىلاپ تەڭشىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى «3 + 7» دىن «3 + 5» كە تەڭشەلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 9-نۇسخىدىكى مۇداپىئە-تىزگىن لايىھەسىدىكى باھالاشتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يوشۇرۇن مەزگىلى تەدرىجىي قىسقىراپ، بەش كۈن ئىچىدە مۇسبەت چىقىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئومىكروننىڭ ئەڭ ئۇزۇن يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ سەككىز كۈن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى، بەش كۈن مەركەزلىك ئايرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئائىلىدە ئايرىغاندا خەۋپ-خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە ئوتتۇرھال خەتەرلىك رايوننى ئېنىقلاپ ھۆكۈم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق قاتتىق تازىلاش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىنىڭ يامان تەسىرىنى ئازايتىشقا تىرىشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ماس قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇمنى يوقىتىش باھانىسى بىلەن قىلىۋاتقان ۋەھشى باستۇرۇشلىرى ۋە ئاچلىقتا قويۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشلىرىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر ۋە قاتتىق سوغۇقنىڭ كىرىشىگە قارىماي سېلىنىۋاتقان ئاتالمىش ئايرىپ قاماش مەركەزلىرى شەرقىي تۈركسىتاندىكى باستۇرۇشنىڭ كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى 13-نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە بىر كۈن ئىچىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساننى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 29 ى كۆپەيگەنلىكىنى، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىدىن 713 ى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 954 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2022 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق