خىتاي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرى»غا مەجبۇرىي قاماپ قىيناش ئارقىلىق جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىنى ۋەيران قىلىپ قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىشىك تېشىدىن تاقىلىپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ھەل قىلىپ بېرىلمەي ياكى داۋالىنىش تەلەپلىرىمۇ رەت قىلىنىپ ئائىلىسىگە قامالغان كىشىلەر ئىچىدىن بىر قىسىمىنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغان. 

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم شەھەردىن تارقىتىلغان بىر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلگەن بىر-بىرىدىن ئېچىنىشلىق مەنزىرىلەر، ئاچلىقتىن ئۆلۈش، بىر پارچە نانغا زار بولغان نالە-پەريادلار،  پاكىز ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي يۆتكىلىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مەينەتچىلىك ئىچىدە كېسەل بولۇشقا تاشلاپ قويۇش، ھەتتا ھايۋانلارنىمۇ ئەركىن قويۇپ بەرمەستىن تاغ جىلغىسىغا قاماپ ئاچلىقتىن قىيناش قاتارلىق كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان قەبىھ قىلمىشلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 

باشقا ئىككى سىندا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ قاراماي ۋە سانجىدا ئايرىپ كۆزىتىش نامىدا ئىنتايىن چوڭ قاماق ئورنى سېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 940 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2022 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق