خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى چەت ئەلگە توشۇماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇغاندىن باشقا ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چەتئەلگە توشۇشنى كۈچەيتكەن. 

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چەتئەلگە توشۇشنى كۈچەيتكەن. بۇ يىل 1- ئايدىن 10 - ئايغىچە، چېگرادىن كىرىپ چىققان نۆۋەتچى پويىز 5193 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان.

خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، خىتاي- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ھاۋا تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ بىر قىسىم مال مەنبەسىنى ئۈستىگە ئالغان. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قاتناش قېتىم سانىنى سىجىل ئاشۇرغان. ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى  (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى غەربكە قاتنايدىغان مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانى كۆيگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 91 گە يەتكەن بولۇپ، 18 دۆلەتكە بارغىلى بولىدىكەن، توشۇلىدىغان مال تۈرى 200 خىلدىن ئاشىدىكەن. 

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ چەت ئەلگە، ھەتتا ياۋروپا ئەللىرىگە توشۇلۇشى يەنىلا توسالغۇسىز داۋاملاشماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 962 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2022 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق