خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك چەكلەش تەدبىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

يېقىندىن بىرى ئامېرىكا خىتايغا قارىتا ئۆزەك چەكلەش تەدبىرى قوللانغان بولۇپ، خىتاينىڭ بىر قانچە كارخانىلىرى ۋەيران بولغان. قىسمەن كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق باشقا ئۆزەك مەنبەسى تېپىشقا مەجبۇر بولغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئۆزەك چەكلەش تەدبىرى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

جاۋ لىجيەن جاۋابىدا: خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يەرمەنكىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىلىرى، كىرىستال ياساش، ئۆزەك لايىھەلەش، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى قاپلىغانلىقىنى،  تېسلا، مىكروسوفت، Meta، ئېرىكسون، سمېنز قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى چۆرىدەپ، يىغىنغا قاتناشقان سودىگەرلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلات ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى جاۋ لىجيەن يەنە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز كۈچىدىن پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قوراللاشتۇرۇپ، خىتاينى يامان نىيەتتە قامال قىلىپ ۋە بېسىم ئىشلىتىپ، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى، دۇنيا بازىرىنى پارچىلاپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، گوللاندىيە شىركىتىدىن خىتايغا ئۆزەك سېتىپ بېرىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەدبىرلىرى خىتاي-گوللاندىيە مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى گوللاندىيە تەرەپتىن نېمە ئۈچۈن ASML شىركىتىگە ئىجازەتنامە بەرمەيدىغانلىقىنى توختىماي سۈرۈشتە قىلغان.

 ASML شىركىتىنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىسى بولمىسا، خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنىڭ دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىلغار ئۆزەك ياسىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاينىڭ ASML  شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تېخنىكا سەۋىيەسىگە يېتىشى ئۈچۈن كەم دېگەندە 10 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 528 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2022 20:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق