خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئەپ دېتالى بىلەن ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلار ئاندىرويىد ئەپ دېتالى قىياپىتىدە نىقابلانغان جاسۇسلۇق دېتالى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن.

بۇلۇت بىخەتەرلىك شىركىتى «Lookout» ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، تور بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنى بايقىغان. مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئاندىرويىد ئەپلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئەزان، ئىبادەت ۋاقتى ۋە لۇغەت مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپلەرنىڭ نىقابىغا كىرىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغان. مەزكۇر جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى خىتاي قوللىغان خاككېرلار توپىغا باغلىق بولۇپ، خىتاي خاككېرلىرى جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى بىلەن خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئاتالمىش «دىنى ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك»كە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ مەلۇم ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغان-قاتناشمايدىغانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىكەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشنى نىشان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەر ئافغانىستان، تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ نىشان قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بار ئىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، «Bad bazaar» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى بار نۇرغۇن ئەپلەر ئالاقىلاشقۇچىنىڭ ئورنى، ئالاقە ئۇچۇرى، سۆزلىشىش خاتىرىسى، سىمسىز تور ئۇچۇرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، يانفونىنى خاتىرىلەپ رەسىمگە تارتالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە 2019-يىلى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات گۇرۇپپىسى «پۇقرالار تەجرىبىخانىسى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم بايقالغان ئاندىرويىد سىستېمىسىدىكى يوچۇقنىڭ ۋاتسئەپ، تېلېگرامما قاتارلىق داڭلىق ئەپلەردە، شۇنداقلا دىنىي مەزمۇندىكى ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا تېپىلغانلىقىنى بايقىغان.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بار بولغان مۇلازىمەتلەرگە تەقلىد قىلىنغان ئاندىرويىد ئەپلىرى غەيرىي رەسمىي ئەپ دۇكانلىرىدا ئۇچرايدىكەن. چۈنكى گۇگۇل ئەپ بازىرى خىتايدا چەكلەنگەن بولۇپ، ئاندىرويىد ئەپلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ جاسۇسلۇق قىلىدىغان يۇمشاق دېتال ۋە ئەپلەر تېلېگرامما قاتارلىق ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىقمۇ تارقىلىدىكەن.

Lookout نىڭ تەھدىتلىك ئۇچۇرلار تەتقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىشلەتكەن مەزكۇر يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللار ئۇلار كۆرگەن ئەڭ مۇرەككەپ جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بىرى ئىكەن. چۈنكى بۇ دېتاللار كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ خاسلاشتۇرغان ياكى باشقا ئەپلەرنى يۇقۇملاندۇرىدىغان ئەپلىرىمۇ تولۇق ئىقتىدارلىق ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار يەنە: «بىز ئىستېمالچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى چۈشۈرۈۋاتقان ئەپلەرگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش. ئەگەر سىز خىتايدا بولسىڭىز بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن، چۈنكى سىز خىتايدا گۇگۇل ئەپ بازىرىغا ئوخشاش بىر قىسىم رەسمىي ئەپ دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلالمايسىز. بۇ سەۋەبلىك سىز ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ياكى تېلېگرامما ئارقىلىق ئەپ دېتاللىرىنى خالىغانچە چۈشۈرمەسلىكىڭىز تولىمۇ مۇھىم» دېگەن.

مۇتەخەسسىسلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرۈشنى، مەيلى ئاندىرويىد بولسۇن، مەيلى IOS بولسۇن، ھەرقانداق ئەپ چۈشۈرگەندە چوقۇم رەسمىي ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈشنى، مەزكۇر ئەپلەرنىڭ خىتاي مەنبەلىك بولماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 849 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2022 20:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق