كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى «بۇزغۇنچى» دەپ ئاتىدى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى خىتاينى «بۇزغۇنچى» دەپ ئاتىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى: «خىتاي كۈنسېرى قالايمىقانلىشىۋاتقان يەرشارىۋىي چوڭ كۈچ، كانادانىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېلان قىلماقچى بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىدە خېلى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە كانادانىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە تەھدىت سالىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مېلانى جولى 9-نويابىر تورونتودىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان فوندى جەمئىيىتى ۋە مۇنچ يەرشارى ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى سىياسەت مەكتىپىدە سۆز قىلىپ، كانادانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت نىشانىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما كانادالىقلار خىتاي بىلەن سودا قىلغاندا ئوبدان ئويلىنىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مېلانى جولى سۆزىدە يەنە: «خىتاي كۈنسېرى بۇزغۇنچى يەرشارىۋىي كۈچ بولۇپ شەكىللەنمەكتە. ئۇ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دۇنياۋى مۇھىت شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا» دېگەن.

مېلانى جولى نۇتقىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قوللاش بىلەن بىرگە تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مېلانى جولى نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا: «بىز تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە تەھدىت سالىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرگە داۋاملىق قارشى تۇرىمىز. بىز تەيۋەن بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 576 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2022 20:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق