ئامېرىكا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان قۇياش ئېنېرگىيە ماللىرىنى توسۇپ قالدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ 1000 دىن ئارتۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرىنى توسۇپ قالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تاموژنا خادىملىرى ۋە كەسىپ مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار يېڭى قانۇنغا ئاساسەن 6-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىن تاۋار ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. ھازىرغىچە نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق 1000 دىن ئارتۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى مودېلى ئامېرىكىدىكى بىر قانچە پورتتا دۆۋىلىنىپ قالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى بۇنچە كۆپ سوممىلىق مالنى تۇتۇپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ تەدبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىغا قارشى يولغا قويۇلغان بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاممىۋى خاتىرىلەرنى چۈشەندۈرۈش ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: بۇ ئورگان 21-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» كۈچكە ئىگە بولۇپ 25-ئۆكتەبىرگىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرىدىن 1053 دانە تۇتۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى تېخى ئېلان قىلىنمىدى» دېگەن.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئۈچ كەسىپ مەنبەسىنىڭ رويترس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قولغا چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە تاختىسى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق كىرېمنىيلىق باتارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 9-ئايغىچە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن تەخمىنەن 1716 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مالنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر تۇتۇپ قىلىنغان ماللارنىڭ قانچىلىكى قۇياش ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىسى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 512 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2022 20:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق