خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى تەقلىد قىلىپ ياسىشى دىققەت قوزغىدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي ۋە ئۆزگىچە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (SİHA) Bayraktar TB2 تۈركىيەنىڭ ئىچى-سىرتىدا تېرورچىلارغا زەربە بېرىشتە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەپلا كەلمەي، ئەزەربەيجان ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشلىرىدا ئوينىغان ئالاھىدە رولى بىلەنمۇ دىققەت مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما  خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى تەقلىد قىلىپ ياسىشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تېخنىكا شىركىتى CETC ئىشلەپچىقارغان ۋە خىتايدىكى يەرمەنكىدە تونۇتۇلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پۈتۈن شەكلىنىڭ تۈركىيەنىڭ Bayraktar TB2 بىلەن ئوخشاش بولۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان SİHA تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ كۈچىگە داۋاملىق كۈچ قوشۇپ كەلگەنىدى ۋە بۇ قورالغا ئېرىشىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرمۇ كۆپەيگەنىدى.

خىتاي مۇداپىئە سانائىتىنىڭ مۇھىم شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان ۋە 51 مىليارد دوللارلىق مەبلەغكە ئىگە بولغان CETC شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقارماقچى بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (UAV) نىڭ مودېلىنى خىتايدىكى ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىدە ئېلان قىلىشى ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەنىڭ Bayraktar TB2 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا بولغان ئوخشاشلىقى دىققەت قوزغىدى ۋە خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئۆزى مۇستەقىل ئىشلەپچىقىرالماستىن، داۋاملىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلايدىغان قىلمىشىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايان قىلدى.

نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنى ئىشلەپچىقىرالمىغان خىتاي بايراقدارنى كۆچۈرۈپتۇ، دېگەن ئىنكاسلار كۆپلەپ يېزىلماقتا. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ «ئىلگىرى بايراقدارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن خىتاي بايراقدارنى ئوغرىلاپتۇ»، «ساختا بايراقدار» دېگەندەك خەۋەرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 822 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2022 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق