ئۈرۈمچىدە قامال قىلىنغان خەلق قاردا قالدى

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش دەپ ئايرىلماستىن، ھېچقانداق ئىسسىق-سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەسى بولمىغان، ساندۇق ياكى كەپە شەكىللىك مىڭلىغان ئۆيلەرگە قامالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قارنىڭ يېغىشى بىلەن ئېغىر خەتەر ئاستىدا قالدى.

10-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قانچە سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە ياغقان تۇنجى قارنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن خەلقنى قامىغان كەپە ئۆيلەرنى قاپلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

سىندا ئۈرۈمچىدىكى قاتتىق سوغۇقتىمۇ شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدىكى كەپە ئۆيلەرگە خەلقنىڭ سولانغانلىقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايان قىلماقتا.

نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئادەتتىكى شامالدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن مەزكۇر كەپە ئۆيلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بۇ يەردە چىقىدىغان پاجىئەگە قارىتا ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2022 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق