پاكىتلار خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنى پاش قىلماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قاماپ قىيناش قىلمىشلىرى خىتاي خەۋەرلىرىنى قاپلىغان ئاتالمىش «شىنجاڭدا پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول-ھوسۇل ئېلىندى، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10 ئاشتى» دېگەن مەزمۇندىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.

10-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپاندىن تارقالغان يەتتە مىنۇتلۇق سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

سىندا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ قوشنىلار توپىدىكى پاراڭلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكىنى سىم بىلەن باغلاپ ئۆيگە قامال قىلىشى سەۋەبلىك چېكىۋاتقان ئازابلارنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئۆيلەرگە قامىغاننىڭ سىرتىدا خەلقنى كوللېكتىپ ئايرىپ قاماش مەركەزلىرىگە قاماپ، ئاچ قويۇپ قىيناش، مەينەتچىلىك ۋە ئاچلىقتىن كېسەل بولغانلارنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2022 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق