بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان توك 103 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشقان

شەرقىي تۈركىستان شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق جۈملىدىن ھەر تەرىپىدىن چىقىۋاتقان يەر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن خىتاي رېجىمىنىڭ بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇغان توك مىقدارى 103 مىليارد 662 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېلېكتىر تورى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، 2022-يىللىق شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۇلاپ كەتكەن توك مىقدارى 103 مىليارد 662 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.43 كۆپەيگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ئېلېكتىر تورى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلمىسىنى تولۇقلىغان بولۇپ، پىچان (تۇرپان – قومۇل) 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە 750 كىلوۋولتلۇق ئۈرۈمچى-ۋۇجياچۈ، ئۈرۈمچى-ۋۇسەيۋەن ئۆزگەرتىش-ئۇلاش قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك ئېنېرگىيەسىنى خىتايغا توشۇشقا باشلىغان بولۇپ،11  يىل ئىچىدە خىتايغا توشۇلغان ئومۇمىي توك مىقدارى جەمئىي 487 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي جۇڭغاردىن ئەنخۇيغا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك توشۇش قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش كۈچى 6 مىليون كىلوۋولتتىن 8 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەن. بۇ قۇرۇلۇشتا 2020-يىلى خىتايغا توشۇپ كېتىلگەن توك مىقدارى 43 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇش كۆلىمىنىڭ 40 نى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى خىتاينىڭ 20 ئۆلكىسىگە توشۇلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 714 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2022 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق