خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ماددىي مەنپەئەت ئارقىلىق، ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇشلىرى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى يېقىندا قارار ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا «گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتىنىڭ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ %98 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئېتىبارى بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» خىتاي ۋە ئالاقىدار دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھۆججەت ئالماشتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 2022-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئافغانىستان، بېنىن، بۇركىنا فاسو، گىۋىنېيە بىسسائۇ، لېسوتو پادىشاھلىقى، مالاۋى، سان تومې ۋە پىرىنسىپېي، تانزانىيە، ئۇگاندا ۋە زامبىيە قاتارلىق ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان 10 دۆلەتتە ئىشلەنگەن %98 باج تۈرى مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ داۋاملىق ھۆججەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىياتىغا ئاساسەن، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە %98 باج تۈرى مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەمىناتى بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە ماددىي مەنپەئەت ئارقىلىق تالىبان ھۆكۈمىتىنى چىرىكلەشتۈرۈپ ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. يېڭى ئاكت تورىنىڭ 26-سېنتەبىر ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىدىن تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئافغانىستانغا ۋەدە قىلغان مەبلەغ سېلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا بەرمەسلىكتە چىڭ تۇرغان.
«مېپا خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئافغانىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خىتاينىڭ سالماقچى بولغان مەبلەغنى ۋاقتىنچە توختىتىشتىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ كەسكىن ھالدا: «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتە پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ