خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، قاتتىق قامال قىلىپ قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 9-نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 32 سى كۆپەيگەن. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 657 سى كۆپەيگەن. يەتتە بىمار سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىچىدىن 134 نەپەر بىمار ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش ئورنى» دىن قويۇپ بېرىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق قامالنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قامال قىلىپ باستۇرۇش، خەلقنى ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىن ۋەيران قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 775 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2022 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق