خىتاي ئۈچ پەسىلدە 290 مىليون توننا كۆمۈر بايلىقنى خىتايغا توشۇغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇش سالمىقىنى كۈچەيتمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 290 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 31.1 ئاشقان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2019-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېزلىتىش رەزىل مەقسىتىدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈچ قېتىم ئاشۇرغان بولۇپ، پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يىلىغا 96 مىليون 900 مىڭ توننىغا كۆپەيتىشنى پىلانلىغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە شىركەت 56 مىليون 263 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 36.8 ئاشۇرغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 24 مىليون 287 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.2 ئاشقان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، خىتايغا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 58 مىليون 331 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.08 ھەسسە ئاشقان. دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

يېقىندىن بېرى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئىمبارگوسى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە ئەگىشىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن ۋە ھەرخىل ئاپەتلەر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كۆمۈر ۋە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر ۋە رۇدا بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرگەن .

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2022 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق