گېرمانىيە خىتاينىڭ ئېلموس ئۆزەك شىركىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا قارشى تۇردى

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى خابېك خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ گېرمانىيە ئۆزەك شىركىتى ئېلموسنى سېتىۋېلىشىغا قارشى تۇردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملار خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ گېرمانىيە ئۆزەك شىركىتى ئېلموسنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئاممىۋى تەرتىپ ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەتكە بۇ سودىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتى داۋام قىلماقتىكەن.

ئېلموس شىركىتىنىڭ دۈشەنبە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ سودىنى چەكلەش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئېلموس شىركىتى ئاساسلىقى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن ۋە ساتىدىكەن.

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە 44 دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش رەسمىيىتى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 17 تۈر خىتاينى، يەتتە تۈر ئامېرىكىنى، ئالتە تۈر ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئېلموس دۈشەنبە كەچتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى كابىنېت يىغىنىدا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى سېتىش سودىسىنى چەكلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ شىركەت بۇ پىلاننىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ئالاقىدار تەرەپلەرگە بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە «باشقۇرغۇچى ژۇرنىلى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خابېك ھامبۇرگ پورتىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەشتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېلموس شىركىتىنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەشكە تىرىشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېلموس شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۆزەكلەرنىڭ %90 ى ماشىنا سانائىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ شىركەت ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۆزەك شىركەتلىرىگە تەۋە بولۇپ، مىيۇنخېندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ماشىنا ئۆزىكى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت Infineon دىن كۆرۈنەرلىك كىچىك ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2022 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق