بىر قىسىم خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كېتىشكە باشلىغان

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن قاتتىق كونترول قىلىش قىلمىشلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەن خىتاي ئاققۇنلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بىر تۈركۈم خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم چېگرا ئېغىزى بولغان ئارا يۇلتۇزغا (شىڭشىڭىشيا) يوپۇرۇلۇپ كەلگەن.

8-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئىككى سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي قىيناش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتاي ئاققۇنلىرىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىغان.

سىننى تارقاتقان خىتاينىڭ ئېيتىشىچە، ئارا يۇلتۇز چېگراسىدىن خىتايغا كېتىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ماشىنىلىرىنىڭ سانى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپەيگەن بولۇپ، چېگرا ئېغىزىغا يىغىلغان ماشىنىلار ئۈچ مىڭغا يېتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 3-نويابىر قومۇل شەھىرىگە بېرىپ، ئارا يۇلتۇز ج خ تەكشۈرۈش پونكىتى، بەيشەنچۈەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان مۇھىم ئېغىزلارنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ جەرياندا يۇقۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ چېگرا پونكىتلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى ئەسلى مەقسەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشكە تەمشەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى توسۇپ قېلىش بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرى ۋە ئاتالمىش «كۆزىتىش مەركەزلىرى»گە قامال قىلىش قىلمىشىنىڭ ئاققۇن خىتايلارغىمۇ تەسىر قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن ساھەدە ئېتىبار قىلىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان خىتايلارنىڭمۇ بۇ خىل قاتتىق كونترولغا چىدىمىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىق ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1037 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2022 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق