«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلاندى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەسەنە تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى 9-نويابىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا رەسمىي باشلاندى.

خەلقئارالىق ئۈچ چوڭ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە باشقا بىر تۈركۈم قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» 9-نويابىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا رەسمىي باشلاندى. يىغىنغا بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە شەخسلەردىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشتى.

مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا ھەسەنە تەشكىلاتىنىڭ مۇتىۋەللى ھەيئىتى رەئىسى كامال ئەرگۈن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە خەلقئارانىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن مەزكۇر يىغىنغا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ۋىدىيولۇق نۇتقى قويۇلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەت بىر دۆلەت ياكى خەلقنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خەلقئارانىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتنى يوقىتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي، گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىل ۋە ئۆمەر بېكالى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى 9-، 10-نويابىر ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كۈچنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئاساسىي نىشان قىلىنغان. نۆۋەتتە مەزكۇر يىغىن تۈرلۈك تېمىلار بويىچە داۋاملاشماقتا.

تەييارلىغۇچى: ي.قۇرۇم

بۇ خەۋەر 968 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2022 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق