خىتاي ئون ئاي ئىچىدە 170 مىليون توننا بايلىقنى خىتايغا توشۇغان

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇش سالمىقىنى كۈچەيتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ كۆمۈر ۋە مەدەنلەرگە بولغان ئېھتىياجى تېز ئاشقان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر يولغا بولغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، تىرانسپورت كۈچىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇش مىقدارىنى ئاشۇرغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، كۆمۈر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتىدا ئاساسلىق توشۇلىدىغان مەھسۇلات بولۇپ، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن خىتاينىڭ جياڭجۈنمياۋغىچە بولغان تۆمۈريول خىتايغا كۆمۈر توشۇيدىغان ئاساسلىق لىنىيە ئىكەن. بۇ يىل خىتاي تۆمۈريول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن. تاق لىنىيەلىك تۆمۈريولنى قوش لىنىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ، توشۇش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدىكى پويىزلارنىڭ جۈپ قاتناش سانىنى كۆپەيتىپ، ھەر كۈنى خىتايغا بارىدىغان-كېلىدىغان جۈپ پويىز سانى 70 جۈپتىن 80 جۈپكە يەتكەن.

يېقىندىن بېرى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئېمبارگوسى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك، خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاينىڭ قىسمەن شىركەتلىرى ۋەيران بولغان. خىتاي بۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش پىلانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2022 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق