شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۈتكۈل ئارمىيەنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەكىتلىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 8-نويابىر خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشىيا قاتارلىق مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنى تەكشۈرگەن. شى جىنپىڭ بۇ جەرياندا «ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش»نى تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە «نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەسىردە كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ تۇراقسىز ۋە ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ھەربىي ۋەزىپىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش كۈچىدىن ئىبارەت بىردىنبىر ئاساسىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى، بارلىق كۈچنى ۋە بارلىق خىزمەتلەرنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكى»نى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ